خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت شىنجاڭ ئاۋات دولانلىق دېھقان رەسسام ئايگۈل ئىدرىس «8 بەلگىلىمە» تېمىسىدىكى دولان دېھقانلار رەسىملىرى ئىجادىيىتى ياراتماقتا. ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان رەسساملار «4 ئىستىل»نى باش تېما قىلغان دولان دېھقان رەسىملىرىدىن 40 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئىجاد قىلدى، بۇ ئەسەرلەردە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشىدا ساقلانغان «4 ئىستىل» مەسىلىلىرى مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن سەنئەت ۋاستىلىرى، ئۆزگىچە سەنئەت نەزىرى بىلەن، قىزىقارلىق، سەمىمىي ھەم كەسكىن ھالدا تەسىرلىك، چۈشىنىشلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى