خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 2-يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالار بىلەن كۆرۈشكەندە ۋە گۇرۇپپىلار ئارا مۇزاكىرىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ـ ئاپەت. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان سۆز ـ ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئۆز ئارا مەسلىھەت كۆرسىتىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتە ياردەمچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.