26-فېۋرال ،قاغىلىق ناھىيەلىك كوئىنلۇن تىياتىرخانىسىدا ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ «ئەل رايىنى ئىگىلەش ، خەلق تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىش ، ئاۋام كۆڭلىنى مۇجەسسەملەش » پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى .
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش ئۇچ كۈن بولۇپ ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، سىياسەت ۋە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تەلىپىنى ئىگىلەپ، پائالىيەتنىڭ ياخشى باشلىنىپ ، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .
بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ مەقسىتى: ئاپتونوم رايون،ۋىلايەت ۋە ناھىيەگە قاراشلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن1500دىن ئارتۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدا چوقۇم نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ئىقتىدارى ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، دىنىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدار يېتىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. )ئاپتۇرلار:قاغىلىق ناھىيەلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئېزىزجان زىيادىن،مېھرىگۈل سەمەت(
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى