خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-فېۋرال كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تايانچلار ئۆمىكى بۈگۈر ناھىيەسىدە يۇرتنى قىزغىن سۆيۈش ، قانۇنسىز دىنىي ھەركەتلەردىن يىراق تۇرۇش تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلەپ ۋە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، بۈگۈر ياشلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى . (بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ، سۈن خۇييەن خەۋىرى فوتوسى)
سۈرەتتە : ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تايانچلار ئۆمىكى بۈگۈردە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتمەكتە
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر