باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

بىرازىلىيە ئورمىنىدىكى دېسسانا قەبىلىسىنىڭ ئۆزگىچە سۈرەتلىرى (6)

2014.02.27 16:19   مەنبە: خەلق تورى

بىرازىلىيە ئورمىنىدىكى دېسسانا قەبىلىسىنىڭ ئۆزگىچە سۈرەتلىرى (6)

  2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 25-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، فوتوگراف David Lazar بىرازىلىيە ئامازون ئورمىنىدىكى Dessana قەبىلىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلىرىنى تارتىپ ، بىرازىلىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەھۋالى ۋە مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلغان .

  30 ياشلىق فوتوگراف داۋىد لازار كېمىگە ئولتۇرۇپ ئامازون ئورمىنىغا ماكانلاشقان دېسسانا قەبىلىسىگە كەلگەن ، بۇ قەبىلە بىرازىلىيە پايتەختى رىئودى ژانىيرو شەھىرىگە 3000 مىل كېلىدىغان جايدا بولۇپ ، پەقەت ماناۋس شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن بارغىلى بولىدۇ . دېسسانا قەبىلىسىنىڭ تۆت ئەتراپى ئورمان بىلەن قاپلانغان ، ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلار ئېقىپ تۇرىدۇ ، ھايۋانلار ھەممە يەرنى قاپلىغان . قەبىلە ئەزالىرى دەريا بويىدا ياشايدۇ ، يەنىلا مۇشۇ قەبىلىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .

  سۈرەتلەردە يېشىل كۆزلۈك بالا ، ئېسىل كىيىنگەن ئاقساقال ، نەي چېلىۋاتقان بالا ، بالىسىنى سۆيۈۋاتقان ئانا ۋە دەرەخ شېخىغا قونۇۋالغان شاتۇتى قاتارلىقلار بار بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن قەبىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق ۋە بەختلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
      ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
      ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
      ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
      ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
      ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
      ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…