2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 25-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە ، فوتوگراف David Lazar بىرازىلىيە ئامازون ئورمىنىدىكى Dessana قەبىلىسىنىڭ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلىرىنى تارتىپ ، بىرازىلىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەھۋالى ۋە مەنزىرىلىرىنى نامايان قىلغان .
30 ياشلىق فوتوگراف داۋىد لازار كېمىگە ئولتۇرۇپ ئامازون ئورمىنىغا ماكانلاشقان دېسسانا قەبىلىسىگە كەلگەن ، بۇ قەبىلە بىرازىلىيە پايتەختى رىئودى ژانىيرو شەھىرىگە 3000 مىل كېلىدىغان جايدا بولۇپ ، پەقەت ماناۋس شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرغاندىلا ئاندىن بارغىلى بولىدۇ . دېسسانا قەبىلىسىنىڭ تۆت ئەتراپى ئورمان بىلەن قاپلانغان ، ھەيۋەتلىك شارقىراتمىلار ئېقىپ تۇرىدۇ ، ھايۋانلار ھەممە يەرنى قاپلىغان . قەبىلە ئەزالىرى دەريا بويىدا ياشايدۇ ، يەنىلا مۇشۇ قەبىلىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ .
سۈرەتلەردە يېشىل كۆزلۈك بالا ، ئېسىل كىيىنگەن ئاقساقال ، نەي چېلىۋاتقان بالا ، بالىسىنى سۆيۈۋاتقان ئانا ۋە دەرەخ شېخىغا قونۇۋالغان شاتۇتى قاتارلىقلار بار بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن قەبىلە تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق ۋە بەختلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .