خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مىكرو بلوگى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، قەدىمكى پايتەخت بېيجىڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش ئەھۋالى باش شۇجىنى تەسىرلەندۈرگەن، شى جىنپىڭ پىڭئەن كوچىسى دوڭ بۇيا كۆۋرۈكىگە كېلىپ، يۈخې دەرياسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قوغداش كۆرگەزمىسى ۋە دەريا قېشى ئىزناسىنى كۆزدىن كەچۈردى، تەرتىپكە سېلىنغان دەريا بويىدا كېتىۋىتىپ دەريا قانىلىنىڭ ۋە سىخېيۈەنلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئىگەللىدى.
«باش شۇجى، ياخشىمۇسىز»، شى جىنپىڭنى كۆرگەندىن كېيىن، كوچىدىكى ئامما ئورىۋېلىشتى، باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.