ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى». مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-مەيدانلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۆزلىرىنىڭ «ئانا-تىل»غا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى شەرھىيلەپ، ئۆزلىرى يېزىپ چىققان ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى جانلىق، ھىسسىياتلىق، ئاھاڭدا دىكلاماتسىيە قىلىش، چۆچەك، مەسەل، ناخشا-ئۇسۇل ۋە ئىتوتلىرىنى ئورۇنداپ، بۇ كۈننى قۇتلۇقلىدى. ھەمدە ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار «ئانا-تىل»ئوقۇتۇشىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر