خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-فېۋرال، ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋ مۇستەقىللىق مەيدانى ئەتراپىدا، نامايىشچىلار توقۇنۇشتىن كېيىن ئارام ئالماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ خوڭشيا فوتوسى)
كۆيۈۋاتقان بوتولكا، تاش پارچىلىرى بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرىدۇ، دىماقنى ئېچىشتۇرىدىغان ياش ئاققۇزۇش بومبىسىنىڭ پۇرىقى ئەتراپىنى قاپلىغان، ئوق ئاۋازى، پارتلاش ئاۋازلىرى ئۈزۈلمەيدۇ ... ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى يانۇكوۋىچ ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بىلەن «ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشمىگە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى كىيېۋ شەھىرى مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانى يەنىلا ھۆكۈمەت بىلەن نامايىشچىلار كەسكىن قارشلاشقان جەڭ مەيدانى بولدى.
20-فېۋرال، نامايىشچىلار توپى بىلەن ئۇكرائىنا ھەربىي ــ ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى، ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ يەتتە ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ بىلەن 18-فېۋرالدىن بۇيانقى توقۇنۇشتا قازا قىلغان ئادەم سانى 35كەيەتكەن.