خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەيۋەن «بىرلەشمە كەچلىك گېزىتى»نىڭ 16 فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا نيۇيورك شتاتىنىڭ شىيېنا ئىنستىتۇتى 15-كۈنى ئامېرىكا بىرىنچى خانىملىرىنىڭ رەت تەرتىپى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان. تەتقىقاتچىلار ئېلىپ بارغان خەلق رايىنى سىناشقا ئاساسلانغان بۇ تۈردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيليەننا روزۋېلت خانىم ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى بىرىنچى خانىم بولۇپ باھالانغان، ھازىرقى زۇڭتۇڭ خانىمى مىچىل ئوباما 5-بولدى. ئالدىنقى قېتىملىق 2008-يىلدىكى تەكشۈرۈشتە ھىلارى 4-بولغان ئىدى، بۇ قېتىم 6-بولۇپ قالدى. بىراق ئۇ زوڭتوڭ بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ بىرىنچى خانىم دەپ قارالدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر