باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(7)

2014.02.20 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7. ئىجادىيەت جەھەتتە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پىلانلىرىڭىز بار؟

  بۇ جاۋاپ بېرىش بەك تەس سوئالكەن. مەن پالانى چاغدا مۇنۇ ئەسەرنى يازىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايمەن. بەزى ئەسەرلەر ئادەم مەلۇم بىر ئىشقا يولۇققاندا تۇيۇقسىزلا مېڭىسىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ . مەسىلەن يېقىندا «قىزلارنىڭ ئىپپەت مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» ناملىق بىر ماقالە يېزىپ «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىغا بېرىپ قويدۇم. بۇنداق ماقالە يېزىش توغرىلىق ئىلگىرى ھىچقانداق پىلانىم يوق ئىدى. كورىيەنىڭ «ساھىپجامالنىڭ قىسمىتى» ناملىق كۆپ قىسىملىق كىنوسىنى كۆرۇپ ئولتۇرۇپ كىنودىكى بىر تەسىر قىلغان كۆرىنىشنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا يېزىلىپ قالىدىغان ئەسەرلەرمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن يىللىق پىلانىمنى دەپ بېرەلمەيمەن. پەقەت ئۆزۇم يىل بېشىدا تۈزۈپ قويغان بۇ يىللىق پىلانىمنى دەپ بېرەلەيمەن. قولۇمدا بىر پوۋىست بىلەن ئىككى ھېكايە، بىر ماقالە بار. يەنە بۇلتۇر يېزىپ يېرىمىغا كېلىپ قويغان بىر رومانمۇ بار. پىلانىمدا بۇ يىل مۇشۇلارنى پۈتتۈرۋەتمەكچى. بايا دېگىنىمدەك ئويلىمىغان يەردىن يېزىلىپ قالىدىغان ئاشۇنداق ئەسەرلىرىممۇ قاتارغا قېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن. مەن ياشىغان مۇشۇ دىياردا مەن بىر ئۆمۈر يېزىپ تۈگىتەلمىگىدەك ئىشلار بار. مەن سالامەتلىكىم يار بەرسىلا قانچىلىك يازالىسام شۇنچىلىك يازىمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر