باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(6)

2014.02.20 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئايال يازغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنى ۋە تەسىرى توغرىسىدا قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

  -ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئايال يازغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بەك چوڭ سالماقنى ئىگەللىمىسىمۇ مەن ھازىرقى بۇ ئەھۋالدىن خېلى رازى. سەۋەبى مەن نۇرىيە ئېلاخۇن، تۇرسۇنئاي ساقىم، تۇرسۇنئاي ھۈسەيىن قاتارلىق ئايال يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان. ئۇلار ئىجادىيەت قىلغان يىللاردا ئۈرۈمچىدەك مەركىزى شەھەردىمۇ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللار بارماق بىلەن سانىغىدەك ئاز. باشقا شەھەرلەردە بار –يوقنىڭ ئورنىدا، ناھىيەلەردە تېخى يوق. ئۇلار سۆھبەتلىشەيلى، پىكىر ئالماشتۇرايلى دېسىمۇ ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك ئادەم يوق. ئۇ چاغلاردا تور، تېلېفون دېگەنلەر تېخى يوق بولغاچقا، ئۇلار شۇنداق بىر چاڭقاش ئىچىدە تۇرۇپ باشقىلارغا ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى سۇنغان. ئۇلار بىلەن سېلىشۇرغاندا ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە ئونلاپ، ناھىيەلىرىدە بىر –ئىككىدىن بولسىمۇ ئايال ئاپتور بار. قايسى ژۇرنالنى ۋاراقلىمايلى ئاز بولغاندا ئۇچ –تۆت ئايال ئاپتورنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقماي قالمايدۇ. رومان يازغان ئايال ئاپتورلىرىمىزمۇ خېلى بار. ئايال ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگە يېزىلغان ئوبزورلارنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مانا بۇنىڭدىن ئايال ئاپتورلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بارغانسېرى تەسىر كۆرسىتىۋاتقىنىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ يېرىم دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تېخىمۇ موللىشىپ، تېخىمۇ تاكاممۇللىشىپ ،تېخىمۇ رەڭدارلىشىپ بېرىۋاتقىنىنى كۆرۈپ يېتىمىز. ئەر يازغۇچىلار ئىپادىلىگەن ئايال پىرسۇناژلار ئوبرازى بىلەن ئايال ئاپتورلار ئىپادىلىگەن ئايال پىرسۇناژلار ئوبرازى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار. ئەر يازغۇچىلار ئەسىرىدىكى ئايال پىرسۇناژلارنى مېڭىسى بىلەن چۈشىنىپ يازىدۇ. ئايال يازغۇچىلار بولسا يۇرىكى بىلەن چۈشىنىدۇ. ئۆز ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يازىدۇ.شۇڭا مەن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاياللارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى، ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەشكە يەنىلا ئاياللارنىڭ ماس كېلىدىغىنىنى ھېس قىلدىم. ھازىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىز شۇنداق كۆپ. مەن بۇ ئەھۋالدىن بەك خۇشال. ئاشۇ قىزلار يېتىشىپ چىقسا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمئيەتتىكى ئورنىدا يەنە بىر باسقۇچ ئىلگىرىلەش بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر