باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(5)

2014.02.20 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5. ئىلگىرى يازغان ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ پىرسوناژ خاراكتېرىنى يارىتىش، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق بۇرۇلۇش بار دەپ قارايسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟

  -ئىلگىرى يازغان ئەسەرلىرىم ئاساسەن بىرىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان. شۇنداقلا ئۆزۈم يولۇققان ئىشلار.ئۆزۈمنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرى ئىدى. ئىجادىيەت تەجرىبەممۇ كۆپ بولمىغاچ ئاددى ھەم قىسقا ئىدى. «يېشىل سىرلىق دەرۋازا»، «ئاققان يۇلتۇز»، «كەلگۈندى» قاتارلىق ھېكايىلەر مەن بالىلىقىمدا ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن ئىشلار، ئۆزۈم كۆرگەن ئادەملەرنى بىرىنچى شەخس تىلىدا تەسۋىرلەپ تۇرۇپ يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ مىسالى. «ئاققان يۇلتۇز» ناملىق ھېكايىدىكى لەھەل ھەدە بىزنىڭ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن تۇرسىناي ئىسىملىك قىز. ئۇ قىزنىڭ ئۆلۈمى مېنىڭ بالىلىق قەلبىمنى لەرزىگە سالغان. پادىشاھنىڭ مەلىكىسىدەك بىر قىزنىڭ ئۇيقۇدىكى ساھىپجامالدەك ئەتىرگۈللەرنىڭ تىكەنلىرىنى قايرىپ ئۆتۈپ كېلىدىغان شاھزادىنى كۈتمەي ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىشى ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئۇ قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ چاچلىرىنى يۇلۇپ، يززلىرىنى تاتىلاپ يىغلاشلىرىنى مەن ھازىرمۇ شۇنداق ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. «كەلگۈندى» ھېكايىسىدىكى كىشىلەرنىڭ دەرىخىنىڭ كۆتىكىنى چىقىرىپ بېرىپ، جان باقىدىغان ئەيسا مۇسامۇ بىزنىڭ يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەن موللا مۇسا ئىسىملىك كىشى. ئۇ كىشىنىڭ ئۆستەڭ بويىدا ئۇخلاپ جۆيلۇپ ئۆستەڭگە دومىلاپ كېتىپ ۋاپات بولغىنى راست. ئارىدىكى ئىشلارنى بىرى دەپ بەرگەن ۋەقەلىك بويىچە قۇراشتۇرۇپ چىققان. كېيىن مەن ئىجادىيەت تەجرىبەمنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۆزۇمنىڭ تېخى ھەۋەسكارلىق باسقۇچىدا تۇرغىنىمنى ئۆزۇمنىڭلا ھېسىسياتىنى ئىپادىلەۋاتقىنىمنى، بىر ئەل سۆيگەن يازغۇچى بولىمەن دەيدىكەنمەن ئۆزۈمدىن ھالقىشىم، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق، غەم –قايغۇلىرىنى ئۇلاردەك ھېس قىلىپ تۇرۇپ يېزىشىم كېرەكلىكىنى بىلىپ يەتتىم. يېشىم چوڭايغانچە ھېكايىنى ئۆزۇمنىڭ ئىچ پۇشۇغىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئېيتسام بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنى شەھرىزاتتەك مەلۇم مەقسەت ئۈچۈن ئېيتىشىم، شۇ ھېكايىلىرىم ئارقىلىق مەلۇم ئادەملەرگە، ئۇلارنىڭ ئىش–ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىم كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم. دەسلەپ ئۈچىنچى شەخس تىلىدا ئەسەر يازغىنىمدا قولىشالمىغاندەك بولدۇم. لېكىن كېيىن راۋانلىشىپ باردى. «ئاخىرقى كۈز»، «ياز كېچىسىدىكى چۈش»، «ئۈششۈك ماڭغان كېچە»، «يىگانە ئارال»، «قاراڭغۇدىن قورقمايمەن»، «غەيرى تۇل خوتۇنلار» قاتارلىق ھېكايە پوۋىستلىرىم بۇنىڭ مىسالى .ئارىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان مۇھاكىمە خاراكتېرلىق ماقالىلەرنىمۇ يېزىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتىم. «ئەركەكلەر قېنى؟»، «ئائىلىمىزنى بىرلىكتە قوغدايلى»، «سىڭىللىرىم سىلەرگە ئېيتماي تۇرالمايمەن» ناملىق ماقالىلىرىم خېلى ئالقىشقا ئېرىشتى. ئەسەرلىرىم يېشىم چوڭايغانچە دەسلەپكى ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىشىپ، قىسقىلىقتىن ئۇزۇراپ باردى. ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلىرىممۇ موللاشتى. پىرسۇناژلارنىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسسىياتلىرىنى بىر قەدەر ئوڭۇشلۇق ئىپادىلىيەلىدىم، ـ دەپ ئويلايمەن. ئادەمنىڭ ھەر ئون يېشىنى بىر باسقۇچ قىلىپ ھىسابلىساق، بۇ ھەر بىر باسقۇچتا ئادەمنىڭ ئويلايدىغانلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئادەم يېشى چوڭ بولغانسېرى بىر ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان، ئومۇمنى كۆزدە تۇتۇپ پىكىر قىلىدىغان، دۇنياغا توق نەزەر بىلەن قارايدىغان بولىدىكەن. كىتاب ئوقۇپ ئالىدىغان زوقمۇ ئاشۇ ياش باسقۇچلىرى بويىچە ئوخشاش بولمايدىكەن. مەن «چالىقۇشى» رومانىنى ئون يەتتە ياش ۋاقىتلىرىمدا ئوقىغىنىمدا بۇ روماننىڭ مەندە قالدۇرغان تەسىرى ئەسەردىكى پەرىدەنىڭ ئاجايىپ لىرىك، نازۇك قىزلىق ھېسىسياتى ئىدى. ئوتتۇز نەچچە ياشتا ئوقىغىنىمدا بۇ روماندىكى ھەيرۇللا بەي، ھاجى كالفالارنىڭ ئادىمىلىكى بىلەن قاراڭغۇ سوغۇق زەينىلەر يېزىسىدىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى مېنى ئويغا سالدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر