باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(4)

2014.02.20 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4. سىز مۇشۇ ئىككى يىلدا باشقىچە تىرىشىپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپسىز. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان بىرەر ئىش بارمۇ ؟
  بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار . بىرى يېشىمنىڭ چوڭىيىپ بېرىۋاتقىنى مېنى ئالدىرىتىپ قويدى. كىچىك چاغلىرىمىزدا بىرەر ئايالنى قىرىق ياشقا كىرىپتۇ دىسە، كۆز ئالدىمىزغا چوڭ ئاپا سىياقىدىكى بىر ئايال كېلەتتى. قىرىقتىن ئىبارەت بۇ ساننىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىمنى ھېس قىلغىنىمدا چۆچۈدۈم. ھاياتىمدىن خۇلاسە چىقاردىم. تۇنجى ھېكايەم «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 1991-يىلىدىن باشلاپ ھىسابلىساممۇ مېنىڭ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقىنىمغا 23 يىل بولۇپ قاپتۇ. يىلىمغا نىسبەتەن كۆپ نەرسە يازماپتىمەن. مۇشۇنى ھېس قىلغىنىمدا مەن زادى نىمە قىلدىم؟ ـ دىگەن بۇ سوئال مېڭەمدە لىقلا تۇردى. ئاندىن ھەر نېمە بولسا تېنىم خېلى ساق، ئەمدى بولسىمۇ تىرىشاي دەپ ئويلىدىم. ئىككىنچى سەۋەب ماڭا زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە» دېگەن كىتابى تەسىر قىلدى. كىتابتا يېزىلغان ئاپتورنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭى، يىللىق، ئايلىق، كۈنلۈك، سائەتلىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدىكى دانا سۆزلىرى مېنى ئويلاندۇردى. مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۇمنىڭ ھېچقاچان يېزىقچىلىق ئىشىدا پىلان تۈزۈپ باقمىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئاخىرى ئايلىق پىلان تۈزدۈم. مۇشۇنداق قىلغاندا ئادەم ئۆز –ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ شۇ پىلاننى ئورۇنلاش كويىدا بولىدىكەن. ئۆز –ئۆزىگە بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ، شۇ تۈزگەن پىلان ئورۇنلانمىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدىغان بىر خىل خاراكتېرنى يېتىلدۈرگىلى بولىدىكەن. تۈزگەن پىلانىم شۇ ئايدا ئورۇنلانمىسا كاللامغا كىرىپلا ئالىدۇ. جىلە بولۇپ كېتىمەن . ئاندىن قالسا بۇ ياشقا كەلگەندە ئادەم مەلۇم تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ قالىدىكەن. قولغا قەلەم ئالسا مەلۇم نەرسىلەرنى ئىپادىلەشتە بۇرۇنقىدەك بەك قىينالمايدىكەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر