- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(3)
2014.02.20 09:21 مەنبە: خەلق تورى
3. ئاڭلىشىمچە سىز ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇماپتىكەنسىز. ھازىر شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىڭىزنىڭمۇ يېزىقچىلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقكەن. ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز بىر ئايال ئائىلىدە مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ ئېغىر. يەنە شۇنداق تۇرۇپ سىز يېزىقچىلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەپسىز. بۇ جەرياندا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىڭىزمۇ ؟
توغرا مەن ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇمىغان. ئەدەبىيات دەرسىنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاڭلىغانچە كېيىن ماڭا ئاڭلاش پۇرسىتى نېسىپ بولمىدى. مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «پوچتا-تېلگېراف مەكتىپى»دە ئوقۇغان. بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ قېلىشىمغا دادام سەۋەبچى بولغان. مەن ئوتتۇرا مەكتەپ چېغىمدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلى «ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستوتى»غا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىگىمۇ كىرىپ بولغان ئىدىم . ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا دادام قوشۇلمىغان، كۆرسەتكەن سەۋەبى: «مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك بىر ئىش بولسا، باشتا ئوقۇتقۇچى نانسىز قالىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ھىچ يەر مائاش تارقىتالمىغاندا پوچتىخانا مائاش تارقاتقان. پوچتىخانا دېگەن قانداق يەردە بولسا بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ،قورسىقىڭ ئاچسا چىقىپلا بىر قاچا بىر نېمە يىيەلەيسەن» دېگەن سۆزلەر ئىدى. مەن ئاتا –ئانامنىڭ گېپىنى يىرماي چوڭ بولغان قىز بولغاچ، دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇدۇم. ئەدەبىيات كەسپىدىن كېيىن ئۆزۈم بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە بولدۇم. سىز دېگەندەك خىزمىتىم بىلەن ئارزۇ –ھەۋىسىم قىلچە باغلىنىشلىقى يوق ئىككى ئىش. مەن كۈندۈزى سان –سېفىر ۋە خەنزۇچە يېزىق ئارىسىدا يۈرىمەن. كەچتە كېلىپ سان –سىفىرنى ھەرپكە، خەنزۇ يېزىقىنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئالماشتۇرىمەن. يەنە مۇشۇ غۇلجىدا ياشاۋاتقان بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆينىڭ تازىلىق، ئاش –تاماق، كىر –قات، بالىغا قاراش، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئادەمگەرچىلىك باردى –كەلدىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈم خالىغان ئىشقا كىرىشەلەيمەن. بۇ چاغدا ئاللىقاچان تۈن كېچە بولىدۇ. بۇ جەريانغا كۆنگىچە قانچىلىك تېڭىرقىغىنىمنى، قانچىلىك چارچىغىنىمنى، بەزى ئادەملەرنىڭ خاتا چۈشىنىشىگە ئۇچراپ ئادالەتسىزلىككە دۇچكەلگىنىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. ئاياللىقىم، ئانىلىقىم تەڭرى بەرگەن ئىلتىپات بولسا، خىزمىتىم جان بېقىش ۋاستەم ئىدى. بۇلاردىن ۋاز كەچكىلى، قايرىپ قويغىلى بولمايتتى. مېنىڭ قايرىپ قويالايدىغىنىم مۇشۇ ھەۋىسىم، قىزىقىشىم ئىدى. بەك ئالدىراش ئۆتكەن چاغلىرىمدا ژۇرناللارنىڭ يېڭى چىققان سانىنى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇيالماي تاشلاپ قويدۇم . ئۇدا تۆت يىل ھېچنىمە يازمىغان چاغلىرىم بولدى. بىراق مەن ۋاز كەچمىدىم. ھامان بىر كۈنى قولۇمغا قەلەم ئالىمەن دېگەن خىيالنى بولسىمۇ كاللامدىن چىقارمىدىم. دائىم ئىشتىن چۈشۈپ قايتقىچە ئۆيگە بېرىپ قايسى ئىشنى ئاۋال قىلىشنى، قايسى ئىشنى كېيىن قىلىشنى، قايسى ئىككى ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلىپ ۋاقىت ئۇتقىلى بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ ماڭىمەن . لېكىن «ئۆزى خالاپ كۆتۈرگەن يۈكنىڭ ئېغىرى يوق» دېگەندەك مۇشۇ قۇياش نۇرى باياشات چۈشىدىغان بۇ زېمىن تېنىمنى ساغلام قىلغاندەك ، ئۆزەم ئوقۇغان شۇ كىتابلار ماڭا ساغلام پىسخىكا ئاتا قىلغان ئىدى. مەن ئۈمىدسىزلەنمەيتتىم. قىيىنچىلىقنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. مەن ئۆزۈم توپلىغان ئىچكى ئېنېرگىيەم، روھىي بايلىقىم، پىسخىك ئەۋزەللىكىمدە تۇرۇپ بۇ جەرياندا ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ھەسرەت –پىغانلارنى ئۆز ئۇسۇلۇم بويىچە مەسخىرە قىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلىپ، خۇشاللىق بىلەن كۆزگە ئىلماي، ئۇلارغا نەتىجەم ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولدۇم . مۇشۇ جاھىلانە كۈرەش مېنى ۋىلايەت سەھنىسىدىن ئاپتونوم رايون سەھنىسىگە، مەملىكەت سەھنىلىرىگىچە چىقىپ مۇكاپاتلىنىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە قىلدى. نۇرغۇن ئاقىل دانا ئادەملەرنىڭ سۆھبىتىگە نائىل قىلىپ، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى. ئۆمۈر گۈلىستانىمغا تېخىمۇ خۇشپۇراق، تېخىمۇ رەڭدار گۈللەر قوشۇلدى . ھازىر بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆندۈم. ھەممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولدۇم .ھازىر كىتابتىن، ئەدەبىياتتىن ئايرىلغان تۇرمۇشۇمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. دەسلەپ دادام كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە بۇ خىل ھالەتكە ئادەتلەنگەن بولسام، كېيىن ئۆزۇم كىتاب ئوقۇپ بۇنىڭغا كۆندۈم. يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن ئادەتلىنىش كۆنۈش خاراكتېرىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر