باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(2)

2014.02.20 09:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2. سىزنىڭ يېزىقچىلىققا قىزىقىپ قېلىشىڭىزغا نىمە سەۋەپ بولغان؟ بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يېزىقچىلىق ھاياتىڭىزغا قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟

  مەن ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ كوچىغا ئىختىيارسىز بىر ھالدا كىرىپ كەپتىكەنمەن. مەن كىچىك چاغلاردا ناھىيەمىزدە كومپىيوتېر تۇرماق تېلېۋىزورمۇ يوق ئىدى. كەچلىرى كىرسىن چىراقنىڭ يورۇقىدا دادام بىزگە كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى. «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»، «زويا –شورا»، «ئۆتكەن كۈنلەر»، «مېھراپتىن چايان»، «مىڭ بىر كېچە» قاتارلىق رومانلارنى شۇ چاغلاردا كىرسىن چىراقنىڭ يورۇقىدا دادامنىڭ ئاغزىغا كاككۇك بالىسىدەك تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. مەن ئۇ چاغلاردا ساۋاتسىز بولساممۇ ئاكتىپ كىتاپخان ئىدىم. كەچ كىرىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. كەچلىك تاماق يىيىلىپ بولۇشىغا، كىتابنى ئېلىپ شىرە قېشىغا كېلەتتىم. ھەم دادامنىڭ قاتلاپ قويسام كىتابنىڭ ۋارىقى سەتلىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئارىسىغا بىر تال ئۇزۇن قارا يىپ قىستۇرۇپ تۈنۈگۈن ئوقۇپ توختىغان يېرىگە بەلگە سېلىپ قويغان يېرىنى تېنىمەي تېپىپ بېرەتتىم. مېنىڭ بۇ قىلىقىمغا ئاپام، دادامنىڭ مەسلىكى كېلىپ كۈلۈپ قوياتتى. بۇ كىتابلار ئارىسىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى «مىڭ بىر كېچە» ناملىق كىتاب بولۇپ، شەرق ئەدەبىياتىنىڭ جەۋھىرى بولغان بۇ كىتابتىكى ئاجايىپ –غارايىپ ۋەقەلەر، سەلتەنەتلىك تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھلار، تۆگىلەرگە ماللىرىنى ئارتىپ كېتىۋېتىپ قاراقچىغا يولۇقۇپ قالىدىغان سودىگەرلەر، جاڭگالدا قوي بېقىۋېتىپ مەلىكىنى ئۇچرىتىدىغان پادىچى تاز، بىر ئۇخلىسا ئۈچ كېچە –كۇندۈز ئۇخلىيالايدىغان بەھەيۋەت دېۋىلەر مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلارنى قوزغايتتى .كۈندۈزى بۇ كىتاپنى قولۇمغا ئېلىپ ۋاراقلاپ كىتابتىكى شەھرىزاتنىڭ تەقلىدى سىزىپ قويغان رەسىمىگە تويماي قارايتتىم. شۇنچە كۆپ ھىكايە ئېيتالايدىغان ھېكايىسى ئارقىلىق قىلىچىدىن قان تامىدىغان، ھەر كۈنى بىر ئايالنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان قانخور پادىشاھنى تەسىرلەندۈرۈپ ئۆز مەملىكىتىدىكى بارلىق ئاياللارنى قۇتقۇزۇۋالغان شەھرىزاتقا بەك مەسلىكىم كېلەتتى. ئۆزۇمنىڭمۇ بىر كۈنلەر كېلىپ شۇنداق نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئېيتالايدىغان بىر قىز بولۇشۇمنى، ھېكايىلىرىم ئارقىلىق مەلۇم كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ساۋادىم چىققاندىن كېيىن مەكتەپتىن كەلسەملا باش كۆتۈرمەي كىتاپ ئوقۇيدىغان بولدۇم. تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك كىتاب ئوقۇغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. بىراق شەھرىزات مىڭ بىر كېچە توختىماي ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ قانخور خاننى ئۆزگەرتكەندەك بۇ كىتاپلار مېنى ئۆزگەرتتى. بۇرۇن مەن پەقەت گەپ قىلالايدىغان بىر قىز ئىدىم. كىتابلار مېنىڭ زېھنىمنى ئېچىپ مېنى گەپ قىلىشتىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلىدى. ماڭا ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى. نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدۇردى. كىتابلار ماڭا ھاياتنى سۆيۈشنى، ئىنسانلار ئارا مېھرى –مۇھەببەتنى، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئۈمىدنى، ئۆزۈمدىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ رېئاللىقىدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئۇلاردىن خۇرسەن بولۇشنى ئۆگەتتى. ئەدەبىيات ماڭا ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى، ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىشنى، ئۆزۈم ياشاۋاتقان كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، بۇ زېمىن ئۈچۈن ياراملىق ئادەم بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. مەن كىتابلاردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. ئەدەبىيات ماڭا نۇرغۇن ياخشى، گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىپ ھايات يولۇمنى يورۇتتى. ھاياتىمنى تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ خۇشپۇراق قىلدى. بىر ياخشى يېزىلغان ئەسەرنى ئوقىسام، ئۇ ئەسەرنىڭ ماڭا بەرگەن ھۇزۇرىنى باشقا ھېچقانداق نەرسىدىن تاپالمايمەن. مەن ھازىر كىتابتىن ئەدەبىياتتىن ئايرىلغان تۇرمۇشۇمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.

  مېنىڭ كېيىن يېزىقچىلىق بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ قېلىشىمغا «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى تەھرىر بولۈمىدىكىلەر سەۋەب بولۇپ قالدى دەپ ئويلايمەن .مېنىڭ 1992-يىلى «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «قىسىلغان يۈرەك» ناملىق ھېكايەم 5-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدىبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇ چاغدا ساھىپخان ئورۇن «مىللەتلەر ئەدىبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى بولۇپ ئورنى بېيجىڭ ئىدى. بۇ مېنىڭ تېخى ئىككىنچى ھېكايەم ئىدى. بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ مەن زوردۇن سابىر، قېيۇم تۇردى، ئابدۇقادىر جالالىدىن، ئايشەم ئەخمەت قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتىم. ھەر قايسى ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن تونۇشتۇم. شۇ چاغدا «تارىم» ژۇرنىلىدىكى سارەم ئىبراھىم بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان ئىدىم. «بۇندىن كېيىن بىزگىمۇ ئەسەر بېرىڭ» دېگەن ئىدى سارەم ھەدەم بىر كۈنى كەچ ياتاقتا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا. مانا مۇشۇ ئىشلار ماڭا زور ئىلھام بولدى. ئۆزۇمگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھېكايە يازساملا «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە قاراپ ماڭاتتىم . «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۈلۈمى بىلەن مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچ پىيادىلا باراتتىم. ئويلىسام مەن بىلەن تەڭ ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، خېلى ئوبدان ئەسەر يازىدىغان بەزى ئايال ئاپتورلارنىڭ بۈگۈنگىچە ئىزچىل يېزىپ كەلگەنلىرى بەك ئاز. بەزىدە ماڭا ئاشۇ ئىلھام مەدەتلەر بېرىلمىگەن بولسا، «ئىلى دەرياسى» مەنمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ يولدا قالار بولغىمىدىم، دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. شۇ سەۋەپ بىلەن تۇنجى قېتىم شۇ چاغدا «ئىلى دەرياسى» تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ تۇرغان مەمتىمىن ھوشۇر،سىدىق تۇرسۇن ، ئابلىز ھوشۇر، شاكىرجان ئېلاجى ئاكىلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .ئۇلار شۇ يىللاردا مېنى كۆرۇپمۇ باقماي تۇرۇپ، ئەسىرىمگە ئادىل باھا بېرىپ مېنىڭ بۈگۈنكى باسقۇچلارغا ئۆرلىشىمگە تۈرتكە بولدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر