باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(1)

2014.02.20 09:21   مەنبە: خەلق تورى

مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژۇرنىلى 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى زۆھرەگۈل ئابدۇۋايىت بىلەن سۆھبەت
(1)

   زىيارەت قىلغۇچى: خەلق تورى مۇخبىرى ھەبىبە ئىسمائىل

  ئەسسالامۇئەلەيكۇم، زۆھرەگۈل ھەدە، مەن سىزنىڭ «ئاخىرقى كۈز» ناملىق ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھازىرغىچە ئەسەرلىرىڭىز بىلەن دىدارلىشالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم. شۇنداقلا بۇ تۇنجى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى زىيارەت بولغاچقا سوئاللىرىم ئېنىقكى كەمچىللىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، شۇڭا سوئاللارغا قارىتا مۇۋاپىق ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارسىڭىز بولىۋېرىدۇ. رەھمەت سىزگە.

  ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەبىبە سىڭلىم، ياخشىمۇسىز، ئالدى بىلەن مېنىڭ ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقىغىنىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن ۋە مۇشۇ ھېكايە سەۋەبلىك مېنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا تەشەككۇرىمنى بىلدۈرىمەن. سوئاللىرىڭىزنى مەن مۇۋاپىق دەپ قارىدىم سىز ئەقىللىق قىز تومتاق سوئال چىقارمايسىز. ئەمىسە مەن جاۋاپ بېرىشنى باشلاي.

  1. زۆھرەگۈل ھەدە سىزنىڭ «ئاخىرقى كۈز» ناملىق ئەسىرىڭىز مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ 2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ، بۇ ھېكايىڭىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى سەۋەب نېمە دەپ قارايسىز؟


  -مېنىڭچە بۇ ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەققىيەتلىك چىقىشىدىكى سەۋەب. بىرىنچىدىن، ھېكايىدە تۇرمۇش چىنلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن. ھېكايىدىكى باش پىرسۇناژ سابىر ئاتا – بوۋىسىدىن تارتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئېتىزغا –يەرگە چوڭقۇر مېھرى بار دېھقان. باش پىرسۇناژ سابىرنىڭ مۇشۇ خىل خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ئۇچۇن ئەسەردە سابىرغا ناھايىتى تونۇش بولغان ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرى تەپسىلى يېزىلدى. ئۇ بارلىق دېھقانلارغا ئوخشاش يەر تېرىيدۇ، ئوتاق ئوتايدۇ، ئورما ئورۇيدۇ، ئېشەك ھارۋىسىغا بۇغداي –قوناق، شاخ-سامان بېسىپ قايتىدۇ. ئۇ بۇ ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئېغىر، مەينەت دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە بۇ ئىشلاردىن ھوزۇر ئالالايدۇ. خۇشاللىق تاپالايدۇ. ئۇ كالىنىڭ ئىسسىق تېزىگىنىڭ پۇرىقى بۇرنىغا ئۇرۇلغاندىمۇ بۇ پۇراقتىن سەسكەنمەي، بۇ تېزەكنىڭ ئىشلىنىش رولى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئۇ پەقەت يەرلا تېرىيدىغان قارا تۈرۈك دېھقان ئەمەس، ئۇ نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەقلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنسانلارغا پايدىسىز، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزىدىغان نەرسىلەرگە ئۆچ . ئۇ ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىلگەن رايون بولىدىغانلىغىنى ئاڭلىغىنىدا بۇ سۆز ئۇنىڭغا «قىيامەت قايىم بولغىدەك» دېگەن گەپكە تەڭداش ئاڭلىنىدۇ. ئۇ كۆپ ئوقىمىغان بولغاچ ئويلىغانلىرىنى دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ «ئۇلار بايا قورسىقىنى تويغۇزۇپ چىققاچقا، شۇنداق مەزمۇت ئولتۇرىدىغاندۇ؟بولمىسا قاپىقىنى كۆتۈرگىدەكمۇ ماغدۇرى بولماس بولغىيدى. يەنە نېمىشقا يەرنى تۈزلەپ بىنا قىلىمىز دەيدىغاندۇ؟» دېگەندەك ئاددىي تىللار بىلەن ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت قايىم بولۇشتىن بىشارەت. شۇڭا ئۇ يەرلىرىنى سېتىشقا قوشۇلمايدۇ. ئەتراپىدىكى باشقا كىشىلەردەك قولىغا تېگىدىغان بىر مۇنچە پۇلغا خوش بولمايدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە پۇل ئىتقا تاشلاپ بەرسە ئىت يىمەيدىغان بىر قەغەز. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى بايلىق -ئاشۇ ھەر يىلى نېمەت بېرىدىغان ئېتىزلىرى، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان بۇغداي، قوناق، شاخ –سامان ،قوتاندىكى سۇتىدىن تارتىپ تېزىگىگىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان قوي –كالىلىرى .ئۇ مۇشۇ بايلىقلىرىغا مەشغۇل بولۇپ، مۇشۇلاردىن خوشاللىق تېپىپ، مۇشۇلاردىن ھوزۇرلىنىپ شۇنچە يىللارنى ئۆتكۇزگەن.ئۇ مۇشۇ تۇرمۇشقا كۆنگەن. شۇڭا ئۇ شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلمايدۇ. ئۇلارنى ئۆزىدەك خۇشال، بەختلىك ياشىمايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئۆزى كۆنگەن مۇشۇ خوشاللىقلاردىن ئايرىلىپ قالسا تۇرمۇشنىڭ، ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئۇچۇن مەنىسى قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ «يەر دېگەن ھەر يىلى نېئمەت بېرىدىغان ئېچىلىڭ داستىخان تۇرسا، ئېچىلىڭ داستىخاننىڭ باھاسى بولامدۇ؟ ئېچىلىڭ داستىخاننى ئادەتتىكى داستىخاندەك پۇلغا ساتقىلى بولامدۇ؟»دەپ ئويلايدۇ. ئۇ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۇچۇن ئۆزىگە كۆتۈرە بېرىلگەن يەرلىرىنى خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەتمەي يەرلىك ئوغۇتتا ئوغۇتلايدۇ. بۇنداق بولغاندا يەرلىرىنى چۆپ بېسىپ كەتسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ۋايىم يىمەي ئەكسىچە بۇنىمۇ بىر خىل نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ. «ئۇ ھەر كۇنى سەھەر تۇرۇپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەنگەچ ئېتىزغا بېرىپ زىرائەتلىرى ئارىسىىدىكى چۆپلەرنى يۇلۇپ قوي –كالىلىرىغا ئەكىرىپ بەرگىنىدە، ئاشۇ كالا تېزىكى، قوي مايىقى ئارىسىدىكى ئوت –چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاجايىپ بىر ئادەمگەرچىلىك ھىس قىلاتتى. كالا –قويلار يىگەن چۆپ ئۇرۇقلىرى ئۇلارنىڭ تېزەك –ماياقلىرىغا ئارىلىشىپ سىرتقا چىقىپ ئېتىزلاردا ئىككىنچى يىلى ئۈنەتتى. ئۈنگەن چۆپلەر يەنە قوي –كالىلارغا يەم بولاتتى. يىللار ئۆتەتتى. بۇ ئىش مۇشۇنداق ئايلىنىپ داۋاملىشىۋېرەتتى. خۇددى ئاياللار بىر –بىرىنىڭ ئۆيىگە داستىخان كۆتۈرۈپ بارغاندەك ئېلىش ــ ياندۇرۇش داۋام قىلىۋېرەتتى. ئوت –چۆپ ئۇرۇقلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ھاياتىي كۇچ قوي –كالىلارنىڭ ئۇچەي –قېرىنىدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يەنە ھاياتىي كۇچى ئۇرغۇپ تۇرغان ھالدا ئېتىز –قىرلاردا ئۈنەتتى» ئەسەردىكى سابىر مانا مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەم. ئۇ تەبىئەت قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق ئىشلارنى ياخشى تەرىپىدىن ئويلاپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ. ئۆزىگە پايدىسىز بولسىمۇ رەنجىمەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە شۇئار توۋلاپ ياكى ئۇنىڭغا ــ بۇنىڭغا سۆزلەپ ئۆز ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلالمىسىمۇ،بىراق ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشتا ھەر قانچە يالغۇز، يېتىم قالسىمۇ چىڭ تۇرىدۇ.

  مەن بۇ باش پىرسۇناژ سابىرنى يارىتىش ئۇچۇن خېلى باش قاتۇردۇم، ئۇنى قارا قورساق ساۋاتسىز قىلىپ ياراتسام قاملاشمايتتى. كۆپ ئوقىغان قىلىۋەتسەم تېخى بولمايتتى. ئەڭ ئاخىرى خەت ساۋادى بار. ھەق –ناھەق ئېڭى ئېنىق، تەپەككۇر قىلالايدىغان، بىر دېھقان قىلىپ يارىتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم. مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ يەردە بۇ خىل خاراكتېردىكى دىخانلار خېلى كۆپ. تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ شەھەرلىشىپ بىنا –ئىمارەتلەرنىڭ سېلىنىۋاتقىنىمۇ ئەمەلىي ئەھۋال. دېھقانلارنىڭ نارازى بولۇپ ئەسەردىكى سابىردەك سۆزلەرنى قىلغىنىمۇ راست. شۇڭا بۇ ئەسەردە ئەمەلىي ئىش، ئەمەلىي ۋەقە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەن بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا دەل مۇشۇ تەقدىرگە دۇچ كەلگەن بىر نەچچە دېھقان بىلەن پاراڭلاشتىم. باش پىرسۇناژنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن بەزى گەپلەر دەل شۇ دېھقانلارنىڭ سۆزلىرى. ئىككىنچىدىن مەن كۆرگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتېرىياللاردا بۇ تېمىنى ئىلگىرى ھېچكىم تىلغا ئالماپتىكەن. ئۇيغۇر مىللىتى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە دېھقان مىللەت. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى يەرگە، دېھقانچىلىققا تايىنىپ جان باقىدۇ. شەھەردىكىلەرنىڭمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە دادىسى ياكى بوۋىسى دېھقان بولۇپ چىقىدۇ. مەن بۇ ئەسەرنى يېزىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق ئىسلاھاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا خېلى بولدى. لېكىن ھېچكىم بۇ تېمىدا بىر نەرسە يېزىپ باقماپتۇ، مەن يېزىپ باقايچۇ دېگەننى ئويلىدىم. دەل مۇشۇ سەۋەبلەر بۇ ھېكايىنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياققىدەك قىلىپ مۇۋەپپەققىيەتكە ئېرىشتۈردى دەپ قارايمەن. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن ۋە ئادەمنى ئەڭ خوشال قىلىدىغان ئىش باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە يېقىش، باشقىلارغا ياققىدەك بىر ئىشنى قىلىشقا قادىر بولۇش. ماڭا بۇ خۇشاللىقنىڭ نېسىپ بولغىنىدىن چەكسىز سۆيۈنۈش ھېس قىلىمەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇردى  يۈەن گۇيرېن گۇرۇپپا باش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى