17-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، نەچچە مىڭ نامايىشچى تايلاند زۇڭلى مەھكىمىسى ئەتراپىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ قوۋۇقلىرىنى توسۇپ ، زۇڭلى مەھكىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، بۇنىڭ بىلەن تىنچلانغىنىغا ئەمدىلا نەچچە كۈن بولغان ۋەزىيەت يەنە جىددىيلىشىپ كەتكەن .
نامايىشچىلار رەھبىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلار قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى يىڭلۇكنىڭ زۇڭلى مەھكىمىسىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشىنى توسۇش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قىلغان بولۇپ ، يىڭلۇكنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ، زۇڭلى مەھكىمىسىدىكى ساقچى-ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇمىغان .
بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ تايلاند ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش باشلاندى ، ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇلتۇر 30-نويابىردىن ھازىرغا قەدەر، تۈرلۈك زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە 11 ئادەم قازا قىلغان ، 617 ئادەم يارىلانغان .