كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 17-فېۋرال كەچ ، كورىيەنىڭ كيوڭجۇ شەھىرىدىكى بىر ئارامگاھنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، ھازىرغىچە توققۇز ئادەم قازا قىلغان ، ئوندىن ئارتۇق ئادەم ئېغىر يارىلانغان .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، شۇ كۈنى پۇسان چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىسى بۇ ئارامگاھدا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن . شۇجاي ۋاقتى سائەت 21:00 ئەتراپىدا ، زالنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، 80 دىن ئارتۇق ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان .
ئىگىلىنىشىچە ، كورىيەدە يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان قېلىن قار ياغقان . قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيىتشىچە ، زالنىڭ پولات لىمى ئۆگزىدە يىغىلىپ قالغان قارنى كۆتۈرەلمەي چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىنكەن .