2014-يىلى 14-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بەنزە ئەزالىرى ، ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار ، ئورگان مۇلازىمەت مەركىزىدىكى بارلىق كادىرلار ، شۇنداقلا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ بەنزە ئەزالىرىدىن بولۇپ 70 نەچچە ئادەم يىغىنغا قاتناشتى . ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، رەئىس خاسىيەت ئەلى ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش ›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش پىكرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ جيەنلىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ قېتىملىق مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى ، بۇ ئاممىۋى قاراشنى ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى ، ئاممىۋى ھېسسىياتنى كۈچەيتىدىغان بىر قېتىملىق تەلىم-تەربىيە جەريانى ، بىز چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن ، ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ ، ئاممىۋى قاراشنى كۈچەيتىپ ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەپ ، خەلق رايىغا ماسلىشىش، خەلقنىڭ غېمىنى تۈگىتىش ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىپ ئۆزگەرتىشى ، رايوننى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىشىگە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك . پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ‹‹ خەلقنىڭ ھال–ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش›› پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مەركەزنىڭ ‹‹19-دېكابىر›› يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم قارار ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ، پارتىيە-ئامما، كادىر-ئامما مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى ، ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ ، ‹‹12-بەش يىل ›› نىڭ تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى . يىغىنغا قاتناشقان بارلىق كادىرلار ، بولۇپمۇ كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بۇ تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ ، خەلق تۇرمۇشىنى چۈشىنىپ ، ئاممىغا كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ ، قىيىنچىلىقنى كۆپرەك ھەل قىلىپ بېرىپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ ، خەلقنىڭ ئەقلى-پاراسىتىنى جۇغلاپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ ، كۈچلەرنى يىغىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك .