شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
16-فېۋرال «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى»نىڭ مىكرو بىلوگىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 26-يانۋار ئىچكى موڭغۇل چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىكى سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاندى. 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىغا كېلىپ، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن ۋەتىنىمىز چېگراسىدا مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقان بارلىق كوماندىر-جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» مەخسۇس سان چىقىرىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن بىللە بولغان چاغدىكى سۈرەتلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)