خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جېجياڭ ئۆلكىسى پەنئەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 17 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، جېجياڭ جىنخۇا شەھىرى پەنئەن ناھىيەسىنىڭ ۋەنساڭ يېزىسى ياجۇاڭ كەنتى يىغىن زالى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ دەرھال ج خ ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىنى تەشكىللەپ، نەق مەيدانغا بېرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. ھازىرغىچە ۋەقەدە 7 ئادەم ئۆلۈپ 98 ئادەم يارىلاندى. نەق مەيداندىكى ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش ئاساسەن ئاخىرلاشتى، مۇناسىۋەتلىك قالدۇق خىزمەتلەر ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر