باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، تاماق، داۋالىنىش، تۇرالغۇ مەسىلىسى كاپالەنلەندۈرۈلىدۇ(4)

2014.02.14 17:12   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، تاماق، داۋالىنىش، تۇرالغۇ مەسىلىسى كاپالەنلەندۈرۈلىدۇ(4)


  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: (مۇخبىرلار دەي لەن، خۇ رېنبا) 12-فېۋرال سائەت 17دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.3 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۆۋەتتە، ھەر قايسى جايلار ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئاپەت رايونىغا توشۇماقتا.

  يەر تەۋرەش بىرقەدەر قاتتىق بولغان چىرا ناھىيەسى بوستان يېزىسى تۈگمەنبېشى كەنتى، ئاچچان كەنتلىرىدە خەنزۇچە «ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش» دېگەن خەت بېسىلغان كۆك رەڭلىك لاپاسلار تىكلەندى، ئاپەت رايونىدىكى خەلق شۇ كۈنى كېچىسىلا ھۆكۈمەت ياساپ بەرگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش لاپاسلىرى ۋە مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتى، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە تارقىتىپ بېرىلدى.

  يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئازايتىش كېرەك. يەر تەۋرەپ 20 مىنۇتتىن كېيىن، ج ك پ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچ دەرىجىلىك تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كىيىم-كېچەك، تاماق، داۋالىنىش، تۇرالغۇ مەسىلىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەگەشمە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)