خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 13-فېۋرال، سەئۇدىي رىيادتىكى پادىشاھ فاھاد شاھزادە دوختۇرخانىسدا، سەئۇدىيلىق ئەر خالىد بىن موھسىن سالى شاررى دوختۇرخانىدا ئورۇقلاش جەھەتتىن داۋالىنىۋاتىدۇ. 2013-يىلى 8-ئاۋغۇست، سەئۇدىي پادىشاھى ئابدۇللا سالىنى جەنۇبىي چېگرا رايون جازاندىن پايتەخت رىيادقا يۆتكەپ، داۋالىنىپ ئورۇقلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى. شۇ چاغدا سالى 20 ياشقىمۇ كىرمىگەن بولۇپ، تەن ئېغىرلىقى 610 كىلوگرام كېلەتتى. داۋالاش باشلانغاندىن بۇيان، سالىنىڭ ئېغىرلىقى 320 كىلوگرامغا چۈشتى.
مەنبە: خەلق تورى