ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋىرى، فوتوسى؛ ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا تېجەن كەنتىدىكى ئادالەت مىجىت 2001 –يىلدىن باشلاپ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا راڭپىزا خېمىرى ياساپ سېتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن ئىدى.2010–يىلىغا كەلگەندە ئادالەت مىجىت 25 مىڭ يۈەنگە زامانىۋى بولغان راڭپىزا خېمىرى ياساش ماشىنىسىنى سېتىۋىلىپ، قولدا راڭپىزا خېمىرى ياساش تارىخىغا خاتىمە بەردى. نۆۋەتتە ئۇ ھەر كۈنلىگى ئاز دىگەندىمۇ 1500 تالدىن ئارتۇق راڭپىزا خېمىرى ياساپ، شەھەر ئىچى، بىر قىسىم يېزا-بازارلاردىكى 40 دىن ئارتۇق دۇكان، تاللا بازارلىرىغا تارقىتىپ، ئايلىق ساپ كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى ھەمدە مەھەللىسىدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان سەككىز ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش قېيىن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلدى.