خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېرىيە نەھىيەسىدە 12-فېۋرال 7.3بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېز باشلىۋەتتى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملارمۇ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە تېز ئاتلاندى. خوتەندىكى قوراللىق ساقچى قىسىم 5-تارماق ئەترىتى يۇقىرىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش تەييارلىق لايىھەسىنى جىددىي ئىشقا سېلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا 12-فېۋرال سائەت 23تە ياردەمگە 260 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر ئەۋەتتى، ئۇلار 13-فېۋرال سەھەردە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا يېتىپ كېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر