خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-فېۋرال، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن نەنجىڭ شەھىرىدە تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۈچى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى قىرغاق ئىشلىرى مەسئۇل تارمىقى مەسئۇللىرى بويىچە تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. بۇ ئىككى تارماق ئوتتۇرىسىدا نورمال ئالاقە-ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش مىخانىزمى ئورنىتىشنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سۆرەتتە جاڭ جىجۈن (ئوڭدا) بىلەن ۋاڭ يۈچى رەسمىي ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن قول ئېلىشماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر