سۈرەتتە: خوتەن ھەربىي رايونىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر كېرىيە كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا نان بەرمەكتە. (شۈ بېيچېڭ فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئاچچان يېزىسىدا 12-فېۋرال 7.3 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، لەنجۇ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قىسىمدىن ئاپەت ئەھۋالىدىن تېزدىن خەۋەردار بولۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى قىلىپ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىدىغان بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى