خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 11-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى شېرلىي تەمپول 85 يېشىدا ۋاپات بولغان.
شۇ يەر ۋاقتى 11-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شېرلىي تەمپولنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاراتقۇلارغا شېرلىي تەمپولنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
شېرلىي تەمپول «كىچىك مەلىكە»، «كۆك قىزىل قۇيرۇق بۇلبۇل» قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ چولپانغا ئايلانغان. بىراق تاماشىبىنلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان كىچىك چولپاننىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، كىنو سەھنىسىدىن بارا-بارا چېكىنگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى