باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>جۇڭگو ئارزۇسى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە «جۇڭگو ئارزۇسى - مېنىڭ ئارزۇيۇم » تېمىسىدا 3-نۆۋەتلىك دېھقانلار شادلىقى سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى(1)

2014.02.12 08:19   مەنبە: خەلق تورى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە «جۇڭگو ئارزۇسى - مېنىڭ ئارزۇيۇم » تېمىسىدا 3-نۆۋەتلىك دېھقانلار شادلىقى سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى(1)

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى،فوتوسى: 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، يوپۇرغا ناھىيەسدە « جۇڭگو ئارزۇسى - مېنىڭ ئارزۇيۇم» تېمىسىدا 3-نۆۋەتلىك دېھقانلار شادلىقى سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزۈلدى.يوپۇغا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا قارىتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەتنى جانلاندۇرۇش، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەتتىن ھەممە كىشىنى ئورتاق بەھرىمان قىلىش قاتارلىق ئەل ئىچى مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ قېتىمقى كۆرەكتە ناھىيەگە قاراشلىق ھەر قايسى يېزا-بازارلىق دېھقانلار سەنئەت ئەترىتىدىكى 150تىن ئارتۇق دېھقان سەنئەتكارلار يېقىندىن بۇيان ئۆزلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان ئىناق جەمئىيەت، ئىناق مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ يېڭى ئىستىل تىكلەش ۋە پارتىيەنىڭ يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلارغا قاراتقان ئەۋزەل سىياسەتلىرىنى ئاساسىي مىلودىيە قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيانقى شەھەر،يېزىلار ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئۆزگۈرۈش،چوڭ تەرەققىياتلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شەكلى كۆپ خىل، مول مەزمۇنلۇق سەنئەت ئويۇنلىرىنى ئورۇنداپ، پائالىيەتنى كۆرۈشكە قاتناشقان 5000 دىن ئارتۇق ئاممىغا زور مەنىۋى زوق بېرىش بىلەن بىرگە، ئەل ئىچى سەنئەت ئويۇنلىرى ئارقىلىق گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش،ھالقىما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ«جۇڭگو ئارزۇسى»نى نامايان قىلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)