باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى(2)

2014.02.11 18:39   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى(2)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10-فېۋرال گوۋۇيۈەندە سۆھبەت يىغىنى چاقىرىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ھەققىدە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى چاقىرىش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىنىڭ مۇقىم تەرتىپى، شۇنداقلا پارتىيەمىز بىلەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماسلىقى ۋە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئوچۇق-يورۇق، كەڭ-كۇشادە سۆزلىگەيسىلەر.

  يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك مۇنداق قاراشتى، بۇلتۇر مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قىيىنچلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس. كۆپچىلىك يەنە بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)