پياۋجىنخۇي: «مەن بىر كۈنمۇ ‹مەلىكە› بولۇپ باقمىغان». 2013-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، 61-ياشلىق پياۋ جىنخۇي سېئۇلدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا قەسەم بېرىپ، 18-نۆۋەتلىك كورىيە زوڭتوڭى بولدى، ھەمدە كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زوڭتوڭ بولۇپ قالدى. كورىيە تاراتقۇلىرى ئۇنى «كورىيەگە ياتلىق بولغان ئايال» دەپ ئاتىدى، چۇنكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەۋەر ئالىدىغان ئائىلەم يوق، بايلىقىمغا ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتىم يوق، دۆلەت مېنىڭ مۇلازىمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىردىن بىر ئوبيېكتىم».