5-فېۋرال جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 2014-يىللىق سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دېڭىز ساھىلى ئولىمپىك كەنتىدە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. (گوڭ بىڭ فوتوسى)
ئىسىنبايېۋا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە روسىيەچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىمۇ گۈللۈك زەڭگەر فارفور تەخسە قاتارلىق سوۋغاتلارنى تەييارلىدى.
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياش ئۇسۇلچىلار زوق-شوخ بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى، تەنھەركەتچىلەرمۇ ئۆزىنى تۇتالماي ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى ھەمدە بەس-بەستە قۇت بۇيۇمى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شياۋ تيەن قوش كىشىلىك مۇز تېيىلىش ماھىرى توڭ جيەننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بايراقچىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى ھەمدە جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سوچىدىكى ئومۇمىي نىشانىنى تونۇشتۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)