خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-يانۋار لى كېچياڭ شىئەن بىيادى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدە ساپ توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ تەتقىق قىلىنىش-ئېچىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: خىزمىتىڭلار ئىنتايىن پايدىلىق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، بولۇپمۇ ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ شەھەرنى بۇلغاش ۋە شاۋقۇن پەيدا قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنسا، بۇنى ھەممە كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىنى تەشۋىق قىلىشىمىز، ھۆكۈمەت نەمۇنىلىك رول ئوينىشى لازىم. ئۇ مۇنداق دېدى: توختىماي ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىشقا نىسبەتەن، بىز مەسىلىگە توغرا يۈزلىنىپ، بۇلغىنىشقا جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك! (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى