خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: «يايلاق خەلقى سىزنى قارشى ئالىدۇ»، «شىلىنغولغا كېلىپ مېھمان بولۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز»... چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ موڭغۇل ئامما ئۆتكۈزگەن قىشلىق نادام مۇراسىمىغا كېلىپ، ئات بەيگىسىنى كۆردى، موڭغۇل خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلىدى، ناخشا-ئۇسسۇللاردىن بەھىرلەندى. چارۋىچى ئامما باش شۇجى بىلەن بەس-بەستە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ئاممىغا مۇنداق دېدى: مەن سىلەرنىڭ چاغىنىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن، سىلەرنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى تىلەيمەن! (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)