خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2014-يىللىق خەلقئارا جۇڭخۇا خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى» 26-چېسلا كەچ شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئەڭ ئاخىرىدا «2013-يىللىق شياڭگاڭ خانقىزى» ساھىپجاماللارنى تاللاش مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن چېن كەي چېمپىيۇن بولدى، ۋانكوۋېردىن كەلگەن ساھىپجامال جوڭ يى ئىككىنچى، مونترېئالدىن كەلگەن خۇاڭ تىڭلى 3-بولدى.
مەنبە: خەلق تورى