گېرمانىيە ‹‹سۈرەتلىك خەۋەرلەر›› ۋە ‹‹ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىغا قارىتا قاتتىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان
گېرمانىيە ‹‹سۈرەتلىك خەۋەرلەر›› ۋە ‹‹ئەينەك ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ 22-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىغا قارىتا قاتتىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. تەلەپتە تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش مەنئىي قىلىنغان، بەدىنىنىڭ تەشتۈرۈۋالغان ۋە چەكتۈرۈۋالغان قىسمىنىمۇ ئاشكارا كۆرسىتىش مەنئىي قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ ئەسكەرلەر كۈنلۈكنىڭ رەڭگىنى تاللىغاندىمۇ بەلگىلىمىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ‹‹يادرولۇق مەجبۇرىيەت ئۆلچىمى›› ناملىق بىر ھۆججەتتە، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ‹‹ئەر-ئايال ئەسكەرلەرنىڭ ئوبرازىغا ئېنىق تەلەپلەرنى بېكىتكەن››. بۇ ھۆججەت بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى تولىمۇ تەپسىلىي بولۇپ، تىرناق ۋە چاچنىڭ رەڭگى، ھالقا ۋە بەدەندىكى چەكمىلەردىن تارتىپ كۆتۈرىدىغان كۈنلۈكنىڭ رەڭگىگىچە ھەممىسىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلغان ھەمدە يەنە قايسىلىرىنىڭ مەنئىي قىلىنىدىغانلىقى، قايسىلىرىغا يول قويۇلىدىغانلىقىمۇ ئېنىق يېزىلغان.
فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەسكەرلەرنىڭ تاشقى ئوبرازى ئارمىيەنىڭ ئاۋام قەلبىدىكى ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ سىرتقى ئوبرازىنى بەلگىلەيدۇ. ‹‹يادرولۇق مەجبۇرىيەت ئۆلچىمى››دە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاۋام ئەسكەرلەرنىڭ سىرتقى ئوبرازى ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ ئىنتىزامچانلىقى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ، شۇ ۋەجىدىن، ‹‹مودېلىشىش›› خاھىشىنى چوقۇم مەنئىي قىلىش كېرەك.