باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بولىدۇ؟(2)

2014.01.23 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇندىن باشقا، يېڭى ئاساسىي قانۇندا يەنە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ نامزاتى چوقۇم ھەربىي بولۇش ھەم ئالىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى. يېڭى ئاساسىي قانۇندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەككە، دىنىي قانۇن سىرتىدىكى ئورگان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلدى. مەسىلەن: ئاساسىي قانۇننىڭ 201-ماددىسى ۋە 234-ماددىسىدا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ نامزاتى چوقۇم مىسىر ئالىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چوقۇم ھەربىي بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەندى. بۇمۇ مەمۇرىي ۋەزىپىدىن چىققان ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مىسىر يېڭى ئاساسىي قانۇنىدىن ئارمىيەنىڭ مىسىرنىڭ كەلگۈسىدىكى مۇھىم رولى ئايان بولۇپ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە مىسىر ئىچكى سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى دۆلەتنى نازارەت قىلىش ئورنىنىڭ قانۇنلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېڭى ئاساسىي قانۇن-ئارمىيەنىڭ باشلىقى سېسى باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق بولىدۇ، شۇندىن تارتىپ سېسى رەسمىي ھالدا ھاكىمىيەتنى قولىدا تۇتىدۇ.

  يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ئالدى بىلەن تۈزۈم چىقىرىش ئورگىنى بولغان 50 كىشىلىك كومىتېتنىڭ جاپالىق تېرىشچانلىقىغا مەنسۇپ بولدى. 50 كىشىلىك كومىتېت-2013-يىلى 1-سېنتەبىر ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت مەنسۇرنىڭ پىرېزىدېنت پەرمانىغا ئاساسەن قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە، بۇ كومىتېت 8-سېنتەبىردىن تارتىپ، 60 كۈن ئىچىدە ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنىڭ ئاخىرقى لايىھەسىنى ماقۇللىشى كېرەك ئىدى. كومىتېتنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر قىسىم ماددىلار ھەققىدىكى پىكىر بىردەك بولمىغانلىقتىن، قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى، بۇنىڭ بىلەن ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش كەينىگە سۈرۈلدى. بىراق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پائال كېڭىشىشى ئارقىلىق، يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ئاخىرى بۇلتۇر 1-دېكابىر ماقۇللاندى.

  يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويغاندىن كېيىنكى ئالتە ئاي ئىچىدە، مىسىردا پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇ-يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كۈرەشنىڭ يەنە بىر قېتىم باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى مىسىرنىڭ ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، دىننى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان پارتىيەلەر بىر بولسا مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىرلىكتە باستۇرۇلۇشى، بىر بولسا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇپ، نۇرغۇن ئەسەبىي دىنىي ئامىللاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك؛ مىسىردىكى ھۆرىيەتچىلەرمۇ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشكە ئامالسىز، ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك ئارقا كۆرۈنۈشى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، ئىشى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئىچكى ۋەزىيەتنى تىزگىنلەشتە، بۇندىن كېيىن مىسىر ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ھەر قايسى ئورگانلار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، مىسىر ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى سېسى مىسىر سايلىمىغا قاتنىشىشى مۇمكىن.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر