خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىپاۋ ئۇسلۇبى ئېسىل ۋە كۆركەم بولۇپ پېڭ لىيۈەننىڭ قامىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، جۇڭگوچە كىيىم ئالاھىدىلىكنىمۇ ئىنتايىن ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭسەن كىيىمىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاق تۈگمىلىك پۈتۈن كۆينەك ئادەمنى تېتىك كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇلغان سۇس گىرىم ۋە تۈگۈلگەن چاچ ئىنتايىن يارىشىپ كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
ئاشپەز ئۇستاملار ئۇسلۇبىدىكى كېيىملەرمۇ پېڭ لىيۈەنگە ناھايىتى يارىشىدۇ. كۆكۈش كۈلرەڭ گەرچە قارا رەڭدەك روھلۇق ، ئاق رەڭدەڭ تېتىك، قىزىل رەڭدەك كۆركەم كۆرۈنمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.