باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارالىق)راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(3)

2014.01.23 13:34   مەنبە: خەلق تورى

2014-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارالىق)راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى(3)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇسابىقە 25-مايدىن 7-ئىيۇنغىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ ئومۇمىي مۇساپىسى 6500 كىلومېتىر، قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى %30نى ئىگىلەيدۇ، مۇسابىقە مۇساپىسىنىڭ بۇنداق ئۇزۇن، قىيىن، سىجىل بولۇشى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان2014-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى شۇنداقلا جۇڭگو ئاپتوموبىل دالا ماشىنىسى تۈرىدىكى مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ بېكىتىدىكى مۇسابىقە پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  22-يانۋار، «تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىشنىڭ ئون يىللىقىدا، كۈچلۈكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز!»نى ئاساسىي تېما قىلغان خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى شۇنداقلا جۇڭگو ئاپتوموبىل دالا ماشىنىسى تۈرىدىكى مۇسابىقىنىڭ شىنجاڭ بېكىتىدىكى مۇسابىقە پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى 2014-يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى.

  بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى 25-مايدىن 7-ئىيۇنغىچە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 6500 كىلومېتىر، جەمئىي 12 مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلۈنگەن، مۇسابىقە ۋاقتى 14 كۈن. بۇ مۇسابىقە پۈتۈن لىنىيەنى تۇتاشتۇرىدۇ ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى، تۇرپان ئويمانلىقى، قۇمۇل ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ، ئاقسۇ، خوتەن، كېرىيە، نىيە، چەرچەن، چاقىلىق، كورلا، خوشۇت، تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق ناھىيە ـ شەھەرلەردىن ئۆتىدۇ، جايلاردىكى مۇسابىقە بۆلىكى 3300 كىلومېتىر، مارافونچە مۇسابىقە بۆلىكى 650 كىلومېتىر كېلىدۇ، مۇسابىقە مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇن، قىين ۋە سىجىل بولۇشى ئىلگىرىكى مۇسابىقىلەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ماشىنا ئەترىتىدىكى ماشىنا ماھىرلىرى ۋە تەشكىللىگۈچى كومىتېت ئۈچۈن غايەت زور رىقابەت بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى %30بولۇپ، مىڭ كىلومېتىردەك كېلىدۇ.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ