باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدا قانداق يېڭى تەدبىرلەر چىقىرىلدى؟(3)

2014.01.22 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-نوقۇل ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىلا سۆزلىمەسلىك تەكىتلەندى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا، تەرەققىيات نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نوقۇل ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش سۈرئىتى ئارقىلىق نەتىجە باھالاش خاھىشىنى تۈزىتىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككى يىغىنلاردا، جايلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نىشانىنى تۈزگەندە، كۆلىمىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى شۇنداقلا بۇرۇنقى تەرەققىيات ئۇسۇلى ئېلىپ كەلگەن مۇھىت ئاسراش، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى قانداق تۈزەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ بۇ يىل جايلارنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدىكى ئاساسلىق قارالمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۈزەشتىن سىرت، خېبېي، سەنشىگە ئوخشاش بايلىق تىپىدىكى ئۆلكىلەر بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە، مۇھىت بۇلغىمىلىرىنى چىقىرىشنىڭ چەكلىمىلىك كۆرسەتكۈچى ھەققىدە قاتتىق بەلگىلىمە چىقاردى.

  4-خەلق تۇرمۇشىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈندى. بۇ يىل جايلاردىكى ئىككى يىغىنلاردا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ياخشىلاش يەنىلا كۆڭۈل بۆلۈنگەن مۇھىم نۇقتا بولدى. بېيجىڭ، نىڭشيا، يۈننەن قاتارلىق جايلار بۇ يىل ئىچىدە ئەر-ئايال يالغۇز پەرزەنت بولسا، ئىككى بالىلىق بولۇشقا يول قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خېبېي بۇ سىياسەتنى 6-ئايدا يولغا قويىمىز دېدى.

  ئۆي، نوپۇس جەھەتتە، بېيجىڭ شەھىرى ئورتاق ئىگىدارلىق ھوقۇقىدىكى ئۆي تۈزۈمىنى چىقىرىپ، ئوتتۇرھال كىرىملىك ئاممىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنى تۈزۈم جەھەتتە ئىجارىگە ئېلىشنى ئاساس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرمەكچى بولدى؛ شىنجاڭدا، بۇ يىل 300 مىڭ ئائىلىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى، 30 مىڭ ئائىلىنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئورۇنلىنىدۇ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن 259 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆيدە ئىش باشلىنىدۇ. گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەيدىن ئىبارەت سىرتتىن كەلگەن نوپۇس كۆپ جايلاردا ماكانلىشىش گۇۋاھنامىسى ئىسلاھاتى نوپۇس ئىسلاھاتىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىدۇ.

  نۇرغۇن ئۆلكىلەردە، مالىيە چىقىمىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى خەلق تۇرمۇشىغا قارىتىلدى. سىچۈەندە، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا 16 مىليارد 611 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، %11 ئاشۇرۇلدى؛ تيەنجىن شەھىرى بۇ يىل شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تولۇقلىما ئۆلچىمىنى 420 يۈەندىن 520 يۈەنگە ئۆستۈردى، كېسەلخانا ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى، ئاھالىلەرنىڭ كېسەلخانىغا تۆلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى ھەق چېكى قاتارلىقلارنىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆستۈردى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر