باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلارنىڭ ئىككى يىغىنلىرىدا قانداق يېڭى تەدبىرلەر چىقىرىلدى؟(2)

2014.01.22 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەسمايىنى رويخەتكە ئېلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، ئەمەلىي تاپشۇرۇشنى ھېسابلاپ تاپشۇرۇشقا ئۆزگەرتىش، يىللىق تەكشۈرۈشنى يىللىق دوكلاتقا ئۆزگەرتىش-2014-يىلى گەنسۇ ئۆلكىسى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىككە قارىتىلغان ئىسلاھات تەدبىرى قىلىندى. تيەنجىندە، رىقابەت خاراكتېرلىك ساھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىش، تۈرلۈك يوشۇرۇن توساقلارنى تۈگىتىش، پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن دۆلەت كارخانىلىرىنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەشكىللەشنى قوللاش قاتارلىق تەدبىرلەر بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى تېخىمۇ زور ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

  2-ئېچىۋېتىش قەدىمى تېخىمۇ تېزلىتىلىدۇ. بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا، نۇرغۇن جايلار ئېچىۋېتىشچان ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئېنىق ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يىل شاڭخەينىڭ ئىككى يىغىنىدا، نۇرغۇن تەكلىپ لايىھەلىرىدە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇش تىلغا ئېلىندى. شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنىڭ تەسىرىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەينىڭ ئەركىن سودا رايونى سىياسىتى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئۆز ئۆلكىسىنىڭ ئەركىن سودا رايونى تەسىس قىلىشىغا تۈرتكە بولدى شۇنداقلا فۇجيەن يەنە تەيۋەنگە ئېچىۋېتىدىغان 15 تۈرلۈك سىناق سىياسىتىنى ئالدىن يولغا قويىدۇ.

  ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار سىرتقا ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، نىڭشيا، شەنشى، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىسى-يېڭى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بولدى. نىڭشيا ئۆزىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد سىناق رايونى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى بىرلەشتۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن ئىستىھكام ۋە ھاۋا كارىدورى ئاچماقچى بولدى؛ شەنشى قاتناش، مال ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ پۇرسىتىنى كۈتۈۋېلىشنى پىلانلىدى؛ شىنجاڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى قىلىپ، ئېلىمىز بىلەن يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت ئالاقىسى، يول ئالاقىسى، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل ئوبوروتى، ئەلرايىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلانلىدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر