باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاۋسترالىيەدىن ئېمپورت قىلىنغان 3 مىڭ تۇياق ئانگاس سىيىرى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى(5)

2014.01.22 16:03   مەنبە: خەلق تورى

ئاۋسترالىيەدىن ئېمپورت قىلىنغان 3 مىڭ تۇياق ئانگاس سىيىرى شىنجاڭغا يېتىپ كەلدى(5)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋاردىن 21-يانۋارغىچە، ئاۋسترالىيەدىن ئېمپورت قىلىنغان 3 مىڭ تۇياق ئانگاس سىيىرى شىنجاڭغا يېتىپ كېلىپ، سانجى، قۇتۇبى، گۇچۇڭ قاتارلىق ئورۇنلارغا بېقىپ كۆپەيتىشكە يەتكۈزۈلدى. بۇ 3 مىڭ تۇياق ئانگاس گۆش كالىسىنى شىنجاڭ تەڭرىتاغ چارۋىچىلىق قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تەڭرىتاغ بىئولوگىيەسى دېيىلدى) ئاۋسترالىيەدىن كىرگۈزگەن بولۇپ ھەممىسىلا سىيىر. سىيىرلار پاراخوتتا ئارقىلىق فۇجيەن ئۆلكىسىگە ئېلىپ كېلىنىپ، قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق شىنجاڭغا ئارقىدىن سانجى، گۇچۇڭ، قۇتۇبى قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈلگەن.

  تەڭرىتاغ بىئولوگىيەسى تۈرىنىڭ مەسئول خادىمى ما شيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ 3 مىڭ تۇياق ئىمپورت قىلىنغان سىيىر 45 كۈن ئايرىپ بېقىلغاندىن كېيىن، نورمال بوغۇز بېرىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. ئانگاس كالىسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتى قىسقا، گۆشلۈك شۇنداقلا تەملىك، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، قىسقا ۋاقىتتىلا مۇھىتقا ماسلىشالايدىكەن، ئېغىلدا ئوت ـ چۆپ بېرىپ باقسىمۇ، يايلىتىپ باقسىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىم ئىمپورت قىلىنغىنىنىڭ ھەممىسى سىيىر بولۇپ، تەڭرىتاغ بىئولوگىيەسىدە بار بولغان ئانگاس نەسىللىك كالىلىرى بىلەن چېتىشتۈرۈپ كۆپەيتىشنى ئاساس قىلغان، كۆپەيتىش مەلۇم مىقدارغا يەتكەندە ئاندىن گۆشىنى سېتىش ئويلىشىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سانجى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تەڭرىتاغ بىئولوگىيەسى كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئىچىدە 30 مىڭ تۇياق ئانگاس كالىسى ئىمپورت قىلىنىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ