خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كۆركەم كۆرۈنۈشلۈك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاجايىپ ئوخشىتىلىپ ياسالغان مۇز ھەيكەل ئەسەرلىرى شىنجاڭ جىمىنەي چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى رايونىنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.
ئىگىلىنىشىچە، چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تۇرۇشلۇق ئورنىدىكى قار ـ مۇز مەدەنىيەت بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھۈنەر سەنئىتى، ئاجايىپ كارامىتىنى كۆرسىتىپ، «ئاۋىئاماتكا»، «مۇزدىن ياسالغان جۇڭگوچە شاھمات»، «تۇلپارنىڭ ئۇچۇشى»، «ساداقەت» قاتارلىق ئۆزگىچە مۇز ئويمىلارنى ئىجاد قىلىپ، قىسىم ساقچى لاگېرىغا چەكسىز ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان.