خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-يانۋار بېيجىڭ ۋەنشىدا مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق CBA چولپانلار مۇسابىقىسىدە شىمالىي رايون چولپانلار كوماندىسى 102 گە قارشى 118 نەتىجە بىلەن جەنۇب چولپانلار كوماندىسىنى يەڭدى.
3 نومۇرلۇق توپ مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون، شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان ۋە تيەنجىن كوماندىسىدىن مېڭ شياڭلوڭنىڭ ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ، 14 ۋە 15 نومۇر ئالدى. كېيىن مەيدانغا چۈشكەن لياۋنىڭ كوماندىسىدىكى خې تيەنجۈ ئاخىرقى 2 نومۇرلۇق بىر توپنى كىرگۈزۈپ، 16 نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر