پىيادىلەر يولىدا تۇخۇم پىشۇرۇش ئامېرىكىدىكى دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان ئەڭ مودا بىر ئۇسۇل. بولۇپمۇ ئارىزونا شتاتى ئوتامان شەھىرى ئاھالىلىرى بۇ خىل تەبرىكلەش ئۇسۇلىنى بەك ياخشى كۆرۈشىدۇ. 4-ئىيۇل چۈشتە، مۇسابىقە 66-نومۇرلۇق تاشيولدىكى كىچىك بازاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بايرامدا يەنە پادىچىلارنىڭ كونىچە قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى، ياۋا ئېشەكنىڭ پاراتتىن ئۆتۈشى، ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بار.