مەملىكەتلىك ۋارقىراش مۇسابىقىسى. 1969-يىلى كىشىلەر تاشلىنىپ قالغان ۋارقىراش سەنئىتىنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، شىمالىي كارولىنا شتاتىدا مەملىكەتلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ بۇ سەنئەتنى خاتىرىلىدى. بۇ مۇسابىقىنىڭ باھالاش ئۆلچىمى كىشىلەرنىڭ ۋارقىرىغاندىكى ئاۋازىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى بولدى.