خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆتكەن يىلى 11-ئۆكتەبىر شىجىڭشەن شىلوڭدو سودا سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىكى ماكدونالدقا كەتكەن ئوت پۈتۈن بىناغا يامراپ كېتىپ، 9 سائەتتە ئاران ئۆچۈرۈلگەن، ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قۇربان بولغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئوت كېتىشنىڭ ماكدونالدنىڭ توكلۇق موتسىكلىتىغا توك قاچىلاۋاتقاندا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن بولغانلىقى ئېنىقلانغان. تۆنۈگۈن كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت پروگراممىسى ئوت كەتكەن ۋاقىتتىكى سودا ساراينىڭ ئىچكى قىسىم كۆزىتىش سىنىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى. سىندا كۆرسىتىلىشىچە، ماكدونالدتىكى بىر ئايال دۇكان باشلىقى ئوت كەتكەنلىكىنى بايقىغاندىن كېيىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن، سودا ساراينىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كۆزىتىش ئىشخانىسىدىكى دىجورنى خادىم ئاپتوماتىك ترېۋوگا سىگنالىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال سۇ پۈركۈش سىستېمىسىنى قوزغاتماقتا يوق، ئەكسىچە ترېۋوگا سىگنالىنى ئىتىۋېتىپ، ئويۇن ئويناشنى داۋاملاشتۇرغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر