باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا بومبا يوشۇرۇندى، ئامېرىكىنىڭ 3- ئىقتىسادىي پاخاللىقى زورايماقتا(3)

2014.01.16 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئۈچ چوڭ خېيىم خەتەرگە يولۇقماقتا

  ياۋروپانىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ئۈمىدلىنىشكە بولمايدۇ. ياۋروپادىكى پورتۇگالىيە، ئىرلاندىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، ئىسپانىيىدە ئىشسىزلىق ۋە قەرز مەسىلىسىدىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئىنتايىن خەتەرلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت.

  بىرىنچى مەسىلە ياۋروپانىڭ بانكا سىستېمىسى مەسىلىسى. بانكىلار ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ، ناچار كاپىتال يۇقىرىلىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بانكىلىرىدا مەسىلە كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب تۆۋەندىكىچە:

  1.ياۋروپادىكى يۇقىرىقى بەش دۆلەتنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناچارلاشتى. يۈزەكى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىرلاندىيىدىكى كرىزىس ئاياغلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئېنىق ئەمەس. ئىرلاندىيىنىڭ قەرز مەسىلىسىنى قانداق قىلغاندا بازار شارائىتى بويىچە قايتىدىن تەشكىللىگىلى بولىدۇ؟

  2.بانكا كرىزىسى ياۋروپادىكى مەلۇم بىر چوڭ شىركەتنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن. ئالايلۇق: ستىرون ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتتى.

  3.ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن كرىزىسمۇ ياۋروپانىڭ بانكا سىستېمىسىغا زەربە بېرەلەيدۇ. گېرمانىيە بانكىسىنىڭ 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى،فرانسىيە بانكىسىنىڭ 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلىغى ياپونىيەدە؛ شۋېتسارىيە بىلەن ئەنگلىيە بانكىلىرىنىڭ ياپونىيەدە 165 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلىغى بار.

  ئىككىنچى مەسىلە فرانسىيە. فرانسىيە ياۋرو رايونىدىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلدى. فرانسىيە پرېزدېنتى ھوللاندى نېمە ئىش بىلەن ئالدىراشتۇ، فرانسىيە ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىشىغا كۈچىمەيۋاتىدۇ. ياۋرو رايونى بالدۇر قۇرۇلغان بولسىمۇ، فرانسىيىلىكلەر گېرمانىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئۆز ئىقتىسادىنى ئىسلاھ قىلالمىدى. ھازىر فرانسىيە رىقابەت كۈچىنى تىز سۈرئەتتە يوقىتىۋاتىدۇ. فرانسىيە ئاممىسىنىڭ سەۋرى تاقىتى قالمىدى.

  ئۈچىنچى مەسىلە پۈتۈن ياۋروپانىڭ كېلەچىكى. 2013-يىلى تەجرىبىسى مول سىياسىيون، ياۋرو گۇرۇھىنىڭ رەئىسى، ليۇكسېمبورگنىڭ سابىق باش ۋەزىرى رونكى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرىكىل ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئوخشاش سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىرقى ۋەزىيەت 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش. بۇ سىياسىيونلارنىڭ بۇ خىل گۇمانىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ كونتروللۇقىنى يوقاتتى. كرىزىسنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن خەلقئارادىكى زىددىيەتلەر ياۋروپا سىياسىي سەھنىسىدە قايتىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىدى. قىسمەن كونكرېت دۆلەتلەر ئالايلۇق ئىسپانىيىدىكى كاتولونىيە ئاپتونوم رايونىدا كۆرۈلگەن بۆلگۈنچىلىككە ئوخشاش ئەنگلىيەدىمۇ بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈپ، شوتلاندىيە ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ چىقماقچى بولىۋاتىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر