باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا بومبا يوشۇرۇندى، ئامېرىكىنىڭ 3- ئىقتىسادىي پاخاللىقى زورايماقتا(2)

2014.01.16 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1990-يىلى كىرىزىستىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ چېكىنىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ پۈتكۈل دەۋرى 31 ئاي ئۇزاردى، 2001-يىلى كىرىزىستىن كېيىن، بۇ 47 ئاي داۋاملاشتى. 2008-يىلى كىرىزىستىن كېيىن، ئەمگەك كۈچى بازىرى ھەتتا 70 ئايدىن كېيىنمۇ تامامەن ئەسلىگە كەلمىدى. ئامېرىكا ئىقتىسادى تەمىنلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

  ئۆسۈم نىسبىتى تەخمىنەن نۆلگە تەڭ بولغان، 2 تىرىليون 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق زايوم تارقىتىلدى، ئامېرىكا رېئال تۇرمۇشتىن تامامەن ئايرىلىپ قالدى. بۇ بەش يىلدا ئامېرىكىنىڭ زايومى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %60 تىن %100 گىچە كۆپەيدى.

  روشەنكى، قىسمەن سەۋەبلەر كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى باج نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكەنلىكتىن ۋە ئافغانىستان بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغانلىقتىن بولدى. ئەگەر مۇشۇنداقلا بولىدىغان بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرەلەيدۇ. ھازىر كىشىلەر مۇنازىرە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئامېرىكىنىڭ 3- ئىقتىسادىي پاخاللىقى زورايماقتا. يەنى شۇنداق دېيىشكە بولدىكى، «يېڭى ئىقتىساد» پاخاللىقى بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىنكى ئاقىۋەتنى يېڭىش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتى زايومنى رەنىگە قويۇش يەنى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىس پاخاللىقىنى چوڭايتىشقا يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى، ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىنىڭ ئاقىۋىتىنى يېڭىش ئۈچۈن زايوم پاخاللىقىنى چوڭايتىشقا يول قويماي ئامال يوق.

  ياپونىيەدە قەرز كىرىزىسى بارغانسېرى كەسكىنلەشتى

  بۇ خىل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقىنى ئامېرىكىلا بولۇپلا قالماستىن، ياپونىيەنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار بولدى. 2013-يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قەرزى 10 تىرىليون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى؛ باشقا خىلمۇ خىل قەرزلەرنى قوشقاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %270 گە يېتىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭدىن ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ياپونىيە زايوم تارقىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن خامچوت كىرىمى باج كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى، 2014-يىلى مالىيە بېجى كىرىمىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش پىلانلانغان بولسىمۇ، خامچوتتىكى قىزىل رەقىمى يەنىلا %25 كە يېتىدۇ. شۇڭا ياپونىيە زايومنى يەنە كۆپەيتمەكچى.

  لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ئەبەدىي داۋاملاشمايدۇ. كۆپ سانلىق بازار مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىقتىسادشۇناسلار بۇ نۇقتىنى بىلىدۇ. ئالايلۇق: شۋېتسارىيە رونو بانكىسىنىڭ 2013-يىلى كۈز پەسلىدە ئېلان قىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي تەھلىل دوكلاتىدا ياپونىيە قەرز ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، لېكىن بۇنىڭ قاچان يۈز بېرىشى ئېنىق ئەمەس دېيىلدى.

  يەنە بىر تۈپ سەۋەب شۇكى 1994-يىلىدىن باشلاپ ياپونىيىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ يېرىمى ئازىيىپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈندىلىك چىقىمى %50 ئاشتى. بۇنىڭدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چىقىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تىجارەتكە مەبلەغ سېلىشتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.بۇ ياپونىيەنى جەزمەن ئىقتىسادىي ئاپەتكە يۈزلەندۈرىدۇ. زايوم ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن بولسىمۇ، ياپونىيە يەنىلا كۈچلۈك سانائەت دۆلىتى. ئىقتىسادىي كۆلىمى بۇرۇن دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇراتتى، ھازىر ئامېرىكا ،جۇڭگودىن قالسا دۇنيادا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونىيە شىركەتلىرى دۇنيا بازىرىدىن بارغانسېرى چېكىنىۋاتىدۇ.

  ياپونىيە پۇل مۇئامىلىدىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدىن بۇرۇنلا قالدى. دۇنيادىكى ئون چوڭ بانكا ئىچىدە ياپونىيە بانكىلىرى يوق. تاشقى سودا ۋەزىيىتىمۇ يامانلاشتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ يىللىق سودا ئاكتىپ بالانىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى، 2012-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە سودا پاسسىپ بالانىسى ئوخشاش دەرىجىدىكى كۆلەمگە يەتتى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر